شىركىتىمىز ئاكتىيور ۋە سىنارىست قوبۇل قىلىدۇ
شىركىتىمىز ئاكتىيور ۋە سىنارىست قوبۇل قىلىدۇ
شىنجاڭ ئەلفۇن تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى – 2013يىلى 5-ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان. ئەلفۇن تور-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى -يۇمشاق دىتال ئېچىش ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا (تورسودىسى)نى ئاساس ،ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان تور-تېخنىكا تەرەققيات كارخانىسى
1. شىركىتىمىز كەسىپنىڭ ئىھتىياجى بىلەن مەخسۇس كومىدىيەلىك، تەسىرلىك خاراكتىردىكى ڧىلىملەرنى ئاساس قىلىپ قىسقا ڧىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدۇق،كېتەرلىك تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە تەييارلىقلىرىنى شىركىتىمىز پۈتتۈرۈپ بولدى. ڧىلىم ئىشلەش ، سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق كەسپىي ئىشلارغا خادىم قوبۇل قىلىپ ئاساسىي تەيارلىقلار پۈتۈپ بولدى
2.ڧىلىم ئىشلەش گۇرۇپىمىزغا ئاكتىيور قوبۇل قىلىمىز، ئاكتىيورلار كەسپى ئاكتىيور بولسىمۇ ياكى ئاكتىيورلىققا قىزىقىدىغان بولسىمۇ بولىدۇ، تەلەپ:ئاكتىيورلۇق كەسپىنى چۈشىنىدىغان ھەم شۇ كەسىپتە مەلۇم تەجىرىبىگە ئىگە، تەرقى- تۇرقى، چىرايى ئاكتىيورلۇق تەلىپىگە ماس كېلىدىغان بولۇشى كېرەك.
3.قۇبۇل قىلدىغان ئاكتىيورنىڭ سانى :2 نەپەر قىز، 2نەپەر ئوغۇل . 18 ياشتىن يۇقىرى 35 ياشتىن تۆۋەن بولشى كىرەك. ئۇزۇن مەزگىللىك توختام ئىمزالىنىدۇ.
مائاش تەمىناتى : ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇقىم مائاش +ئۈنۈم مائاش بىرىلىدۇ.ئاساسى ئەھۋال يۈز تۇرانە بېكتىلىدۇ.
4. سىنارىىست قوبۇل قىلىمىز، تەلەپ: يېزىقچىلىق قابىلىيى يۇقىرى، سىنارىيە يېزىش كەسپىدە تەجىربىگە ئىگە بولغان بولىشى كېرەك. ئەگەر قولىدا تەييار سىنارىيە بارلار ياكى سىنارىيە يازالايدىغانلار بىز بىلەن ھەمكارلاشسا ياكى بىزگە سېتىپ بەرسە بولىدۇ.
سىنارىيەگە قويۇلدىغان تەلەپ:مەزمۇنى ساغلام بولىشى كېرەك، يېڭىلىق يارىتىلغان، كومىدىيەلىك كۆرۈرمەنلەرنى قىزىقتۇرالايدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ،
مائاش تەمىناتى : ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇقىم مائاش +ئۈنۈم مائاش بىرىلىدۇ.ئاساسى ئەھۋال يۈز تۇرانە بېكتىلىدۇ.
5- شىركىتىمىز جەمئىيتىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكى يەككە تىجارەتچى، چوڭ ـ كىچىك كارخانىلارھەم شەخىسلەر بىلەن ھەرقانداق تور سودا ساھەسىدىكى كەسىپلەر ئارقىلىق ئۇزۇن ھەم قىسقا مۇددەتلىك خىلمۇ- خىل تۈردە ئۆز -ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارشى ئالىدۇ،
ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا ئىشىنىش،ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش،بىر-بىرىنى قوللاش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئەگەربىز بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقلىشىڭ.
0998-2575055