داڭلىق كارخانچىلار تەلپۈنىدىغان خىزمەتچىلەر
خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار قانداق ساپا ھازىرلىغاندا داڭلىق كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ،ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلالايدۇ،دىگەن مەسلە ،ئۇقۇغۇچىلار ،ئاتا -ئانىلار كۈڭۈل بۈلىدىغان نۇقتا . مەكتەپ پۈتتۇرگەنلەر خىزمەت ئىزدەش مۇھىتىغا ماسلىشمەن دەيدىكەن ،چۇقۇم ئېنىق خىزمەت نىشانى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۇلۇشى ،خىزمەتنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىشى ،خىزمەت مەجبۇرىيتىنى پۇختا ،ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى كىرەك . ئەخلاقى پەزىلەت تەرەققى قىلغان كارخانا ئەخلاقنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ. ئىناۋەت ئېڭى ،تۆھپە قۇشۇش رۇھى ،ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بىردۇ . بەزى كارخانىلار يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغاندا ،ئىمتىھان سۇئالى جاۋابىنڭ ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ئاۋال تەكلىپ قىلىنغۇچىلاردىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمگە قول قۇيۇشنى ياكى ئاغزاكى ۋەدە بىرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ ،بەزىلەر ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابىنى تورغا ئىلان قىلىۋىتىپ .شىركەتنىڭ خادىم تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە زىيان سالماقتا . 2007-يىلى داڭلىق چەتئەل كارخانىسى تۇنجى نۈۋەتلىك يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ،ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا بىر پارچە خەت قالدۇرغان ،ھەتتا ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،يۈز تۇرانە ئىمتىھان سۇئالىدىن پايدىلانغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان بىرىش سالاھىتىنى بىكار قىلدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان ھەم «مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ،پىرىنسىپ مەسلىسىدە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ،ئىشنى كىچىكتىن باشلاپ ،بىلرىكتە ساغلام ،ئادىل ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مۇھىتى يارتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كىرەك» دىيىلگەن . مەدەنىيەت ساپاسى ھازىر نۇرغۇن كارخانا يازما ئىمتىھانغا خاراكتىر ۋە پىسخىكا مەزمۇنىنى قۇشۇپ ،مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە پىسخىكىسىغا كۈڭۈل بۈلىدىغانلىقنى بىلدۈردى. يىغىپ ئېيتقاندا ،بۇلار كارخانىلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كارخانا مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلالايدىغان -قىلالمايدىغانلىقى ،شىركەتنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچىمگە ماسلىشالايدىغان -ماسلىشالمايدىغانلقىنىبىلىش ئۈچۈندۇر . كارخانا قابىلياتلىك ھەم كارخانا مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىدىغان خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجلىق .كەسپىنى سۈيۈش ئىلغار كارخانا ،بۇلۇپمۇ ،دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانا ئەمەلى ئۈنۈم ۋە نەتىجىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدۇ،شۇڭا ،خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار كەسىپنى سۈيۈش رۇھى كەم بولسا بولمايدۇ.كەسىپنى سۈيۈش رۇھى بولغاندا،باشقا ساپالارنى يىتىلدۈرمەك ئاسان .مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھازىرقى جەمىيەتتىكى خىزمەت ئىزدەش مۇھىتىغا ماسلىشىمەن دەيدىكەن ،چۇقۇم ئىنىق خىزمەت نىشانى ۋە كۈچلۈك مەسۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھازىرلىشى كىرەك.بىر ئادەمنىڭ خىزمەت پوزىستىيەسى شۇ ئادەمنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ،خىزمەتكە ياخشى پوزىستىيە بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا،خىزمەتداشلار ،رەھبەرلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسگە ئىرشەلەيدۇ .

