شىنجاڭ «ئەلفۇن» تور-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2013-يىلى5-ئايداقۇرۇلغان . يۇمشاق دىتال ئېچىش ، ئېلېكتىرونلۇق سودا (تورسودىسى)نى ئاساس ،ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان تور-تېخنىكا تەرەققيات كارخانىسى, يېڭى ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ تور سودا بىكەتلىرىگە بولغان ئىھتىياجى يۇقىرى كۈتۈرۈلدى . شىنجاڭ ئەلفۇن تور – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىر قانچە يىللىق ئىزدىنىش ئاساسىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، مال سېتىش ،مال سېتۋېلىش بىخەتەر ھەم قۇلايلىق ، ئىقتىدارى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، رەسىم-يېزىق-سىن بىرلەشكەن ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى قوشۇلغان، مۇستەقىل ئالاقە قۇرالى ،ئىزدەش ئىقتىدارى ، سودا خاتىرىلەش ۋە شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان ، ھازىرقى ئەڭ بىخەتەر پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئالپاي (alipay)ئارقىلىق پۇل تۆلەش، ئۈچىنجى تەرەپ بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئىقتىدارى قۇشۇلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ياسالغان تورتاۋار سودا تورىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلدا تور سودىسى قىلىشىغا تىگىشلىك تۆھپىسنى قوشتى. شىركىتىمىز كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىمىزدا كۆلەملەشكەن يۇمشاق دېتال ئېچىش ئورگىنى قۇرۇپ، مىللىي تىل يېزىقتىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى لايىھەلەش، مۇستەقىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا تىرىشىمىز. كارخانا ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساسلىقلارنى ئۆز ئەتراپىمىزغا ئۇيۇشتۇرۇپ، كارخانا، يەككە تىجارەتچىلەر ۋە ئىستىمالچىلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلىكتىرونلۇق سودا بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. سۈپەت ۋە تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تورسودا بىكىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازار دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە،سودا تور بىكىتىمىزنى ۋە مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگىچە كېڭەيتىمىز. «ئەلفۇن»ۋە «تورتاۋار» ماركىسىنى رايونىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇپ ھەم يېقىن كەلگۈسىدە جوڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى رىقابىتىگە قاتنىشىشقا يۈزلەندۈرۈپ، مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆز تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

