جۇڭگودا بانكا كەسپى كىرىزىسى كۆرۈلەمدۇ؟
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:835
جۇڭگونىڭ قەرز سەۋىيەسى بولۇپمۇ شىركەت قىسمىنىڭ قەرزى ئادەتتىن تاشقىرى سۈرئەتتە كۆپىيىشى كىشىنى بۇ دۆلەت بىر مەيدان بانكا كەسپى كىرىزىسىدىن ساقلىنالماي دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ، پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتەرمۇ، دېگەن ئەندىشىگە سالىدۇ.بۇ ئەندىشە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش كەسپىنىڭ يېقىندىكى قىياسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ قىياس قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن كۆپەيگەن كىرېدىتىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى ئىشلەپچىقىرىلىشى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلارغا، پايدىسى مەنپىي قىممەتكە ئايلانغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئېقىپ كەتكەن
ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى قەرزنىڭ دېرىنى قايتۇرالمايدىغان كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ قەرز بېرىش پۇل-مۇئامىلە خەتىرىنىڭ روشەن ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن جۇڭگونىڭ بىر مەيدان يوشۇرۇن بانكا كەسپى كىرىزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى خېلى يىراقتەك قىلىدۇ. بۇ جۇڭگونى كىرېدىت ئېشىش سۈرئىتىنى ئىمكانىيەتلىك سەۋىيەگىچە تۆۋەنلىتىدىغان بىر مەزگىلگە ئېرىشتۈرگەن. بۇنداق ھۆكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ھالقىلىق بىر ئاساس شۇكى، گەرچە قەرزنى دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىنجۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئامانەت پۇل قويۇش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. بىر دۆلەتنىڭ كۆتۈرەلەيدىغان قەرز سەۋىيەسى ناھايىتى زور دەرىجىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئامانەت پۇل قويۇش ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، جۇڭگودىكى يىغىلىپ قالغان قەرزلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ دۆلەتنىڭ پۇلى بىلەن ھېسابلىنىدىغان قەرز. 2014-يىلى 3-پەسىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ئۈزۈكسىز چەتئەل پۇلى قەرزىنى قايتۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر چەتئەل قەرزى دۆلەت ئىچى قەرزىنىڭ پەقەت %5 گىلا تەڭ . سېلىشتۇرغاندا، بۇرۇنقى باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارغا بولغان بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇنىڭ چەتئەل پۇلى قەرزىنىڭ ئومۇمىي قەرزدە ئىگىلىگەن ئوتتۇرىچە قىممەت ئۈلۈشى جۇڭگونىڭ تۆت ھەسسىسىگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دۇنيادىكى باشقا رايونلارغا يەنىلا چوڭ ھەقدار دۆلەت. شۇڭا، جۇڭگودا ئاسانلىقچە 1997-يىلىدىكى ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدەك كىرىزىس پارتلىمايدۇ. ئۇ كىرىزىس چەتئەل بانكىسىنىڭ ئاسىيا كارخانىلىرىنىڭ قەرزىنى ئايلاندۇرۇشنى رەت قىلىشىدىن كېلىپ چىققانىدى.
ئۈچىنچى، بانكا كەسپى كىرىزىسى ھەمىشە بالانس جەدۋىلىدىكى قەرز ئۇچى مەسىلىسىنى مەنبە قىلىدۇ. لېكىنجۇڭگودا، بانكا قەرزىنىڭ ھەممىسى يېپىشقاقلىقى ناھايىتى چوڭ بولغان ئامانەت پۇلدۇر. بانكىنىڭ مەبلەغنى تارقىتىشتىكى ئاساسى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولىدۇ. شۇڭا، قەرز بىلەن تاشقى مەبلەغنىڭ يىغىندىسى پۇل ئامانەت قويۇش سەۋىيەسى بىلەن ماس بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ نىسبىتى ھەرگىز بانكا كەسپى كىرىزىسى پارتلاشنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن دۆلەتلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان %120 دىن %150 گىچە نىسبەتكە يەتمەيدۇ. قانداقلا بولسۇن، جۇڭگومەركىزىي بانكىسى بانكىنىڭ پۇل ئالماشتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرىدىغان نۇرغۇن ئەسۋابلارغا ئىگە. مەسىلەن، ھازىر سودا بانكىسىنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش تەييارلىق فوندى نىسبىتى %17. ئامانەت قويۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بۇ بانكىنىڭ ئېقىشچانلىقىغا غايەت زور ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
جۇڭگودا بانكا كەسپى كىرىزىسى يۈز بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىنىڭ ھۆكۈم ئاساسى: جۇڭگونىڭ بانكىلىرى سىرتقى تەشۋىقاتتىكىدىن كۆپ ئاجىز. يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى يېڭى قەرزنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، %1~%2 ناچار قەرز نىسبىتى ئىشەنچلىك ئەمەس. لېكىن بۇ نۇقتىئىنەزەر شۇنى تونۇپ يەتمىگەنكى، بەزى بانكىلار ناچار قەرزنى ئاكتىپلىق بىلەن ھېسابتىن چىقىرىۋېتىپ، تۆۋەنرەك بولغان ناچار قەرز نىسبىتىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك قىلىپ دوكلات قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭشىن بانكىسى(中信) ۋە قاتناش بانكىسى بىر تەرەپ قىلغان ناچار مەبلەغ ئايرىم ئايرىم 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ناچار قەرز قالدۇقىنىڭ %75 ۋە %30 نى ئىگىلىگەن. ئومۇمەن، جۇڭگو بانكا كەسپىنىڭ قەرز زىيىنى تەييارلىقىنىڭ ناچار قەرزگە بولغان نىسبىتى دوكلات قىلىنغان ناچار قەرزنىڭ %150 گە باراۋەر.
ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلىغان بانكا ئاخىرىدا كىرېدىتنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەن ئېشىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ئۇ دەل ياپونىيەنىڭ ئىزى. بەزىلەر مۇنازىرە قىلىپ، جۇڭگومۇ ياپونىيەگە ئوخشاش بولىدۇ، دەيدۇ. لېكىن 1990-يىللاردا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا زىيادە كۆپ قەرز تارقىتىلىپ، جۇڭگو بانكا كەسپىنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، جۇڭگوھۆكۈمىتى بىر چوڭ كۆلەملىك كاپىتالنى قايتا تەشكىللەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، بانكىنى داۋاملىق قەرز تارقىتىدىغان قىلىپ، جۇڭگونىڭ بۇ ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئون يىلدا كۈچلۈك ئېشىشىغا يۆلەك بولدى. بۇنداق ئەھۋال ياپونىيەدە يۈز بېرىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئون يىلغا سوزۇلغان ۋاقىتتا ياپونىيە دائىرىلىرى بانكا بالانس جەدۋىلىنىڭ ھالسىرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ بانكا كەسپىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئىشىك ئېچىشى 1990-يىلىدىكىدىن تۆۋەن. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدا، بانكا سىستېمىسىدا كاپىتال قايتا تەشكىللىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا بەرگەن قەرزى بانكا ۋە بانكا ئەمەس پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ خەلق پۇلى قەرزى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %62 نى ئىگىلەيتتى. ھازىر، بۇ نىسبەت %30 كە تۆۋەنلىدى. ئاساسلىق سەۋەبى بانكا خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە ئائىلىلەرگە قەرز بېرىشنى ئۈزۈكسىز كۆپەيتتى. خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنىڭ ئوتتۇرىچە قايتىش ئۈنۈمى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ 2~3 ھەسسىسىگە تەڭ. جۇڭگودىكى ئائىلىلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بالانس جەدۋىلى بار.
پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى يىغىلىۋاتقان خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو دائىرىلىرى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، كىرېدىتنىڭ ئۇزاققىچە پايدا ئالالمايدىغان كارخانىلارغا ئاساسلىقى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئېقىپ كېتىشىنى چەكلىشى كېرەك. مەركىزىي ھۆكۈمەت چىقارغان مۇردا كارخانىلارنى تاقاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. لېكىن پەرەز قىلغىنىمىزدەك، بۇ ھەرىكەت يەرلىك قاتلامدا توسالغۇغا ئۇچرىدى.
جۇڭگو بۇ توسالغۇنى چوقۇم يېڭىشى كېرەك. مەركىزىي ھۆكۈمەتمۇ بانكىنىڭ ناچار كاپىتالنى ھېسابتىن چىقىرىۋېتىش ۋە پايچىكىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىشى، ھەتتا ئەڭ ئاجىز پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا قىسمەن مەبلەغنى قايتا تەشكىللەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ساقلانما ناچار كاپىتالنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئالدىنقىسى:تورتاۋار تور تاللا بازىرى فىلىم

