
ئۇيغۇر سودا تورچىلىقىدىكى يەنە بىر نامايەندە-تور تاۋار سودا تورى تورتاۋار سودا تورىغا مۇستەقىل ئالاقە قۇرالى TTسۆھبەتخانا ئىقتىدارى قۇشۇلدى ئەزالار تىزىملىتىپ كىرىپ تور بىكەتنىڭ مۇستەقىل ئالاقە قۇرالى TTسۆھبەتخانىسى ئارقىلىق دۇكاندارلار بىلەن ياكى ئۆز ئارا خەت ئالاقە قىلالايدۇ ، ئەلۋەتتە qq , ئالى ۋاڭ ۋاڭ بىلەنمۇ ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ . TTسۆھبەتخانىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلغاندا سۆزلىشىش خاتىرسى تورتاۋار سودا تورى مۇلازىمىتىرغا ساقلىنىپ ماڭىدۇ ، سودا جەريانىدا تالاش تارتىش كۈرلۈپ قالسا TTسۆھبەتخانىسى ئارقىلىق پاراڭلاشقانلىق خاتىرسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلنىپ دۇكاندار ياكى ئىستىمالچىنىڭ مەنپەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندۇ ، مۇستەقىل ئالاقە قۇرالى دۇكاندار ۋە ئىستمالچىنىڭ ھۈقۈق مەنپەتىنى قوغداشقا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغاندىن باشقا سودا جەريانىدا كۆپ تەرەپتىن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ بىز ئىزچىل تىرىشىپ ئۈزىمىزدە ساقلانغان مەسلىلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزىتىپ تور بىكەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۈتۈرمىز ، دۇكان ئاچقۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قۇيۇپ تور بىكەتتىكى ماللارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ، ئىشەنچىلىك بولشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، باھاسىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى مۇلازىمەتتىن بەھىرمان قىلىمىز. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ئەلفۇن تور-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى بايراقدار كارخانىغا ئايلانغان شىنجاڭ يۇرتۇم مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك شىركىتى ھەمكارلىقىدا تور تاۋار تورى قۇرۇلۇپ، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كەڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېچىۋىتىلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر سودا تور بەتلىرى ئىچىدە مال تۈرلىرى بىر قەدەر تولۇق، مالنىڭ سۈپىتى ئىشەنچىلىك، مالنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى بىر قەدەر تەپسىلىي ۋە مال باھاسى مۇۋاپىق بولغان تور بەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئۇ سىزنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىڭىزدىكى ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقىپ، ئېنتىرنىت سودا ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. تور سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا ۋە دۆلىتىمىزدە تور سودىسىمىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ،ماللىرى ئىشەنچىلىك ۋە ئەرزان بۇلغان تاۋباۋ سودا تورىنىڭ11-ئاينىڭ 11 –كۈنىدىكىبىر كۈنلۈك سودىسى 57 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، مۇشۇنداق بىر تارىخىي ۋەزىيەتتە كەڭ خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزدا بەھۇزۇرتور سودىسى قىلىش تەققەززاسى ھەسسىلەپ ئاشتى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر يىل جاپالىق تېرىشىش نەتىجىسىدە تاۋباۋ تورىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئاساسەن ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن تورتاۋار سودا تورى بارلىققا كەلدى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تورتاۋار سودا دۇكان ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغانلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى ،كۈنىگە 10000دىن ئارتۇق ئادەم زىيارەت قىلىدىغان كۈنىگە نەچچە ئون مىڭ يۈەن سودا بۇلىدىغانئۇيغۇرچە تور سودا سۇپىسى بارلىققا كەلدى،توختىماي ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش بىلەنبىرلىكتە خېرىدارلارنى رازى قىلىشنى ئاساس قىلىپ سودىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دۇكاندار ۋە ماللارنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەڭ خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. تورتاۋار سودا تورى ئەڭ بىخەتەر بولغان ئالىپەي ئارقىلىق پۇل تۆلەش شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، بىخەتەر ئىشەنچلىك ئۇيغۇرچە سودا سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ، تورتاۋار سودا تورى يەنە خەلقئارالىق تور سودا ئەندىزىسى بۇيىچە دۇكاندار ۋە خېرىدار ئوتتۇرىدا سودا پۇلىنى بىخەتەر تۇتۇپ تۇرۇپ ، ھەربىر سودىنىڭ بىخەتەر ، مۇۋپپەقىيەتلىك بۇلىشىغا %100 كاپالەتلىك قىلىدۇ سىز تورتاۋار سودا تورىدىكى خالىغان بىر دۇكانداردىن مال سېتىۋالغان بولسىڭىز سىز تۆلىگەن پۇل دۇكاندارنىڭ ھېساباتىغا بىۋاستە كىرمەيدۇ، خېرىدارنىڭ پۇلى ئىشەنچىلىك بۇلغان ئۈچىنچى تەرەپ كاپالەت سودا ھېساباتى بولغانتورتاۋار سودا تورى ھېساباتىغا كىرىدۇ-دە دۇكاندارغا دەرھال مال سېلىش بۇيرۇقى بېرىلىدۇ، ئاندىن دۇكاندار سىزگە مال سالىدۇ،سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مال تاپشۇرۇۋېلىشنى جەزملەشتۈرسىڭىزئاندىن تورتاۋار سودا كاپالەت ھېساباتى پۇلىڭىزنى دۇكاندارنىڭ ھېساباتىغا يوللاپ بىرىدۇ،بۇنداق بولغاندا تورتاۋار سودا تورى خېرىدارلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق، ساختىلىقلارغا ئۇچرىماسلىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ. سىزنىڭ قۇللىشىڭىز ئۇيغۇر تور سودىسىغا بۇلغان ئەڭ زور مەدەت !!! مال سېتىۋالغۇچىلار ۋە دۇكاندارلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ھەرۋاقىت ئەستايىدىل ئاڭلاپ ،ئەڭ تىز سۈرەتتە ھەل قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە شەرپىمىز . نىشانىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات ، ئەڭ ئىشەنچىلىك تور سودا سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە رايونىمىزدىكىكەڭ قېرىنداشلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدا مۇلازىمەت قىلىش ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىستېمالچىلار ، سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلارغا ئەڭ قولايلىق تەشۋىقات ۋە پايدا ئىلىپ كىلىدىغان ئۇيغۇرچە تور سودا شارائىتى يارىتىپ بېرىش. قۇلاي ۋە ئىشەنچىلىك توردىن مال سېتىۋىلىش ،سىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ ،ئۇرتاق تەرەققىياتنى كۆزلەپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇنۋېرسال سودا بازىرىنى قۇرۇپ چىقىش ھۆرمەت بىلەن : تورتاۋار سودا تورى
www.tortawar.com