ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش نەزەرىيەسى قانداق بۇلۇش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-23 چىكىلىشى:604
1-مۇھىت، بۇرىچ ۋە يادرولۇق كۈچكە مۇناسىۋەتلىك پەرەزلەر ئەمەلى ئەۋھالغا ماس كىلىشى كېرەك. ئەگەر بارلىق پەرەزلەر سىرىتقى دۇنيانىڭ ئارزۇسى، قىممەت قارشى ۋە ئېھتىياجىغا ماس كەلمىسە ،خېرىدارلار تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى كارخانا ئىچىدە مەڭگۈ "تىرىشش ۋە تەننەرخ " لا مەۋجۈت بۇلىدۇ." سىرىتقى دۇنيا " بولغاندىلا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىسىن كۆرسىتىدۇ. ئەمەلى ئەچۋالنى سىزىشتەس. نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ ياكى بولمىسا ، ئۇنىڭىدىن ھالقىپ كىتەلەيمەن دەپ ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلالايمەن ، دوپ ئويلايدۇ. بۇ كىشلەر ئۈزىنى بەك قالتىس چاغلاپ ، ئەمەلىيەتتە يۇلۇقۇش مۈمكىنچىلىقى بولغان مەسلىلەرگە سەل قارايدۇ. 2-يۇقىردا دەپ ئۆتكەن ئۈچ جەھەتتىكى پەرەز چۇقۇم ئۆزئارا ماسلىششى كېرەك. بۇ ئۈچ پەرەز ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، يادرولۇق كۈچ قانچە كۈچلۈك بولغىنى بىلەنمۇ كارخانىنىڭ بۇرچى بىلەن ماسلىشالمايدۇ، ئاخىردا كارخانىلار "توغرا" قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسى ئويلىغاندەك چىقمايدۇ،ھەتتا ئازراقمۇ ئۈنۈم كۈرۈلمەيدۇ. قانچىلىك كۈچلۈك يادرولۇق كۈچ ياكى ئۇلۇغ بۇرىچ بولسۇن ،مۇھىتتىن ئايرىلىدىكەن ،سىرىتقى دۇنيا تەرپىدىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ.3-باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى كارخاندىكى ھەممە كىشى بىلىشى ھەم چۈشىنىشى كېرەك. باشقۇرۇش نەزەرىيەسى بىر-ئىككلا ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس ۋە ياكى ئالى باشقۇرغۇچىلارلا تىلغا ئالدىغان تېما ئەمەس، ئۇ كارخاندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىششىنى شەرىت قىلىدۇ، شۇڭا، كارخاندىكلەر چۇقۇم باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى تۇنۇشى، ھەم چۈشىنىشى كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا ، كارخانا ئۈنۈم يارتالايدۇ. 4-باشقۇرۇش نەزەرىيەسى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرلۈپ تۇرلۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ. ھەر قانچە ياخشى باشقۇرۇش تۈزۈمىمۇ بىر مەزگىللا ئۈنۈم بىرەلەيدۇ، ۋاقىت توشقان ھامان تەكشۈرۈپ تۈزتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىمىزنىڭ كارخانىلىرىدا ئۆزگىرىش كۆپ بۇلۇپ تۇردۇ، بۇنى، ياۋرۇپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپلا بىر تەرەپ قىلغلى بولمايدۇ. باشقۇرۇش نەزەرىيەسى بىر خىل پەرەز، ئۇ، جەمىيەت ،بازار، خېرىدار، پەن تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان پەرەز، شۇڭا ، ياخشى باشقۇرۇش نەزەرىيەسى چۇقۇم " ئۆز-ئۆزىنى يېڭلاش" ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك.

