بۇ 6خىل كىشىلەر چوقۇم پۇل تاپالايدۇ، سىزدە بارمۇ؟
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:965
1.كاللىسى ئۆتكۇر كىشىلەر.
كىتاپنى ياخشى ئوقىغان بىلەن تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقان ئىككىسى ئىككى ئىش،ياخشى ئوقىغانلار تىجارەتنى ياخشى قىلىپ كىتىشى ناتايىن،تىجارەت كاللىنىڭ ئۆتكۇرلىكى ،ئىتتىكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ،ئويلايدىكەن چوقۇم قىلىش كىرەك.
2.ئىش ئۇنىمى يۇقىرى كىشىلەر.
ئىش قىلغان كۇچى ۋە ئىش ئۇنىمى يۇقىرى كىشىلەر ،ئەگەر سودىدا پۇل تىپىپ ئازراق ئۇتۇق قازانغان ۋاقىتتا توختاپ قالماي قەدەممۇ قەدەم يۇقىرى كۆتۇرۇپ ماڭىدۇ،ئەمىلىي ھەركىتىدە كۆرسىتىدۇ،قىلىشقا جۇرئەت قىلىش ،ئىشلەشكە جۇرئەت قىلىش ،مۇشۇنداق كىشىلەرلا پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولىدۇ.
3.ھازىرىدىن قانائەتلىنىپ قالماي ،توختىماي تىرىشىدىغان كىشىلەر.
(بىر كۇندا ئۇچ ۋاخ تاماق يىسەك قوساق تويىدىكەن،خوتۇن باللىرىم يىنىمدا بولسا بولدى)بىر ئۆمۇر تۆمۇر تاۋاقنى قولىدىن چۇشۇرمەيدىغان كىشىلەر،مەڭگۇ پۇل تىپىش پۇرسىتى بولالمايدۇ،‹‹تۇرمۇشىمىزغا چىقىنسا بولدى،ئۇنچە كۆپ پۇل تىپىپ نىمە قىلىمىز››بۇ گەپلەر پۇل تاپالمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بىرىدىغان تەسەللىسى ،((ھىكمەت سۆزى))
4.ھەقىقىي نامراتلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان (نامرات ئۆتمۇشى بولغان)كىشىلەر.
خۇددىي چىرايى بەك كىلىشكەن ئەمەس ئەرلەرنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدىي بىلەن چىرايلىق قىزلارنى قوغلىشىپ غەلبە قازانغاندەك،نامراتلىتقا ئۆتكەن ئادەم نامرات تۇرمۇشنىڭ دەرىت ئەلىمىنى ھىس قىلالايدۇ،شۇنىڭ بىلەن يەنە پۇل تىپىش ئۇمىد ،ئارزۇ ،ئىستىكى بولىدۇ.
5.كىشىلىك ھاياتىدا باي بولۇش ئارزۇسى بار كىشىلەر.
بىر ئادەم كۇندە بىرلا ئاھاڭا ئىشتىن كىلىپ ئىشقا چىقىپ ،ئۆزىنىڭ خىزمەت كىرىمىنى بانكىغا يىغىپ يىللار ئۆتىۋەرسە ھەرقانچە قىلىپ كۆپلىگەن پۇل يىغالمايدۇ.كۆپ پۇل تىپىش ئۇچۇن ئىرادە قىلىپ سودىگەرچىلىك قىلىش كىرەك.چۇنكى ‹‹ سۇ ئۇلغايسا كىمە كۆتۇرلىدۇ››.10مىلىيۇن 20مىلىيۇن 100مىلىيۇنلار بىلەن نىشان ئۇچۇن كۆرەش قىلسا مىليارىتلاپ كىرىم قىلغاندا ئاندىن زەردار بولغىنى بولىدۇ.
6.ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشەنچىسى بار كىشلەر.
نىمە ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بولۇش كىرەك ،ئۆزى تاللىغىنى ئەڭ نادىر ،ئەڭ قالتىس ،مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۆزىڭىزدىكى ئەڭ يۇقىرى يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرالايسىز،ئىتىقات ئىشەنىچ ،ئىخلاس ئادەمنىڭ باي بۇلۇش يولىغا يىقىلغان نۇرلۇق چىراغ.
مەنبە :مايۇننىڭ 2015يىلىق سۆزى
ئالدىنقىسى:ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرىكىينكىسى:ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش نەزەرىيەسى قانداق بۇلۇش كېرەك؟

