ئورنىڭىز:باش بەت>ماقالە مەركىزى>كەسىپ خەۋەرلىرى>P2P、P2C 、O2O 、B2C、B2B、 C2Cدېگەن نىمە؟

P2P、P2C 、O2O 、B2C、B2B、 C2Cدېگەن نىمە؟

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:638
O2O نىڭ زادى قانداق مەنىسى بار؟

O2O ئۈندىدار ئىككىلىك كود قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ قىزىق ئۇقۇم، ئۇ Online To Offline ... ،ئۇ تور سىرتىدىكى سودا پۇرسىتىنى ئىنتىرنىت بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، ئىنتىرنىتنى تور سودا سۇپىسىغا ئايلاندۇردى.

بۇ خىل مۇلازىمەت شەكلىدە ئىپتىدائى سودا شەكلىنى توردا ئېلىپ بېرىپ ئىستىمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى ياراتتى، بۇنىڭدا توردا ھېسابات قىلغىلى بۇلدىغان بۇلۇپ، ناھايىتى تىزلا كەڭ كۆلەملەشتى.
بۇ خىل مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىيدىلىكى: تەشۋىقات ئۈنىمىنى تەكشۈرۈپ تۇرغىلى ھەم ھەر بىر سودىغا ئىز قوغلاپ ئەگەشكىلى بۇلىدۇ.

O2O نىڭ ئەۋزەللىكى: تور ئىچى ۋە سىرتى ئەڭ مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈش، توردا مال سېتىۋېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق،ئىنتىرنىت بىلەن ئەمەلىي دۇكاننى ماسلاشتۇرۇپ، ئىستىمالچىلارنى ئىتىبار باھا ھەم تور سىرتى ئەتراپلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ بىرلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

O2O بازار ئېچىش ئۇسۇلىنىڭ يادروسى:
O2O بازار ئېچىش ئۇسۇلىنىڭ يادروسى: توردا ئالدىن زاكالەت تۆلەش. توردا ھەق تاپشۇرۇش ھەق تاپشۇرغۇچىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش بىلەنلا تاماملانماستىن بەلكى،ئۇ بىر قېتىملىق ئىستېمالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەكل ئۆلچىمى، ئىستېمال سانلىق قىممىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم.
online مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ساھەلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، پەقەت ئابونىتلار توردا بولسىلا ھەق تاپشۇرۇشنى تاماملاپ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

B2C ئۇقۇمى:
B2C بولسا Business-to-Customer نىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشى بۇلۇپ، بىزنىڭ يېزىقىمىزدىكى تەرجىمسى << سودىگەر - خېرىدار>> سودا شەكلى بولۇپ، ئۇ ئىلىكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى سودىگەرنىڭ پارچە سېتىپ چىقىرىش شەكلى، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا، سودىگەر پارچە سېتىپ چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئىستېمالچى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، ئىستېمالچىنى ئىھتىياجلىق مال ۋە مۇلازىمەت تەمىن لەش شەكلى. بۇ خىل ئۇسۇلدىكى ئېلىكترونلۇق سودا شەكلى-ئادەتتە توردا پارچە تارقىتىشنى ئاساس قىلىپ، ئاساسلىقى ئىنتىرنىتتا سېتىپ چىقىرىش ھەركىتىگە ۋاستىلىك ياردەمدە بۇلىدۇ.

B2B ئۇقۇمى(كارخانىنىڭ كارخانىغا يۇزگۈزىدىغان ئىلىكتىرونلۇق سودا ئۇسۇلى) :
B2B (يەنە BTBدەپ يېزىشقا بۇلىدۇ)-كارخانىلار ئۇتتۇرىسىدىكى ماركىتىڭ مۇناسىۋىتى بۇلۇپ،ئۇ كارخانا ئىچكى قىسىم تورىنى B2B تور بېكىتى ئارقىلىق خېرىدار بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ، بېكەتنىڭ تىز سۈرەتتە ئىنكاس قايتۇرىشى بىلەن خېرىدارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت تەمىنلەپ،كارخانا تىجارەت تەرەققىياتى (Business Development) نى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان B2B شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، پېشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.

B2B ئىلىكتىرونلۇق سودىدىكى ئىككىلا تەرەپ ساتقۇچى(كارخانا،شىركەت) بۇلۇپ،ئۇلار تور تېخنىكىسى ۋە باشقا خىلدىكى تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق سودا جەريانىنى تاماملايدۇ،B2B ھازىرقى زامان ئىلىكتىرونلۇق سودىنىڭ بىر خىل كونكىرىت ئىپادىلىنىش شەكلى.
ئالىيبابا دەل دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇمۇملاشقان، ئەڭ چوڭ B2B ئىلىكتىرونلۇق سودا تور بىكىتىنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك بىكەتلىرىدىن بىرى.

C2C ئۇقۇمى:
C2C ئەمەلىيەتتە ئىلىكتىرونلۇق سودىدىكى كەسپىي ئاتالغۇ بۇلۇپ،يەككىلەر ئارىسىدىكى ئىلىكتىرونلۇق سودىغا قارىتىلىدۇ. تور ئىستىمالچىلىرى ئارىسىدا، ئىنگىلىسچە 2 ئوخشاش تەلەپپۇزدىكى سۆزنى to سۆزى باغلاپ تۇرغان بولغاچقا C to C ئاددىي قىلىپ C2C دىيىلىدۇ. بۇ يەردىكى C ئىنگىلىسچە Customer(Consumer) سۆزى (ئۇيغۇرچە مەنىسى: ئىستىمالچى) نىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، ئاددىي قىلىپ C بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،C2C مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا،Customer(Consumer) to Customer
(Consumer)دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.C2C نىڭ مەنىسى يەككە بىلەن يەككە ئوتتۇرسىدىكى ئىلكتىرونلۇق سودا دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.مەسلەن، يەككە بىر ئىستىمالچىدا بىر خاتىرە كومپىيوتىرى بولسا، ئۇنى تور سودىسى بىلەن باشقا بىر يەككە ئىستىمالچى سېتىۋالسا،بۇ خىل سودا تۈرى دەل C2Cئىلىكتىرونلۇق سودىسى دېيىلىدۇ.
ۋەكىل خارەكتىرلىك تور بېكەتلەردىن: تاۋ باۋ تورى، پەي پەي تورى، ... بار.
شۈبھىسىزكى،تاۋ باۋ تورىنىڭ C2C ساھەسىدە باشلامچى ئۇرۇندا تۇردىغىنىغا ھەممىمىز كۆز يۇممايمىز! تاۋ باۋ  باشلامچىلىق ئورنى ئېلىپ كەلگەن بېسىملارنى قۇبۇل قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن بېسىم ئارسىدا تەرەققىي قىلماقتا!

P2P دىگەن زادى نىمە؟
P2P دېگىنىمىز-ناھايىتى ئاز سوممىلىق مەبلەغنىڭ يىغىلىپ، مەبلەخكە ئىھتىياجلىق كىشلەر تۇپى تەرپىدىن قەرز ئېلىنىش شەكلى. P2P - “Peer-to-Peer”نىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشى بۇلۇپ،يەككىنىڭ يەككىگە قەرز بىرىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىيتقاندا، قۇلىدا ئېشىنچە مەبلەغ بولغان كىشلەر تۇپىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ مەبلەخكە ئىھتىياجلىق كىشلەر تۇپىغا ئاز سوممىلىق قەرز بىرىش پۇل مۇئامىلە شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.

P2P شەكلى:
بىرىنچى خىلى نۇقۇل شەكلدىكى P2P بولۇپ، بۇ خىل شەكلىدە ئۈچۈنچى تەرەپ سۇپىسى ئارقىلىق ئۇچۇر ماسلاشتۇرۇش، تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ، قەرز ئالغۇچى-بەرگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەبلەخ تەڭشىشىگە پايدىلىق. لېكىن بۇنىڭ روشەن كەمچىلىكى شۇكى، بۇ شەكىل كىپىللىككە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

ئىككىنچى خىلى ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلى بولۇپ، سۇپا ئۆزى قەرز تارقىتىپ، يەنە سۇپا ئارقىلىق ھەقدارلىق ئۆتۈنۈپ بىرىلىدۇ.روشەنكى بۇ كارخانىلارنىڭ مەبلەخ يۈرۈشتۈرۈش ئۆنۈمىنى يۇقرى كۆتىرىدۇ،بىراق ئاسانلا مەبلەغ تىنىپ قېلىش كۆرۈلۈپ، مەبلەخ ئۆزىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ.

P2C ئۇقۇمى:
P2C-production to consumer نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى بولۇپ، بۇنىڭدا مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىپ تاكى خېرىدارنىڭ قۇلىغا يەتكۈزۈلگۈچە ئارلىقتا ھېچقانداق سودا ھالقىسى بولمايدۇ. يەنى ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن خېرىدار بىۋاستە سودا ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ ئىلىكتىرونلۇق سودىدىكى B2B、B2C、C2C لاردىن كىيىنكى يېڭى ئۇقۇم.
بۇ دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە تۇرمۇش مۇلازىمەت سۇپىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

P2C دا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۆي-مۈلۈك،يىمەك-ئىچمەك،ئىجدىمائى ئالاقە،ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى،بىلەت،ساغلاملىق،داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەتلىرىنى سۇپا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

O2O、B2C、C2C لارنىڭ پەرقى
B2C、C2C دا توردا ھەق تاپشۇرۇپ، سېتىۋالغان تاۋار مال يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئارقىلىق قۇلىڭىزغا يەتكۈزۈلىدۇ.O2O  دا بولسا توردا ھەق تاپشۇرۇپ، تور سىرتىدا تاۋار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان قىلىنىدۇ.
مۇلازىمەتچى