مال سېتىۋىلش توغرىسدا
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:1341
1. تور تاۋار سودا تورى قانداق تور بىكەت ؟
تور تاۋار سودا تورى شىنجاڭ ئەلفۇن تور – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىر قانچە يىللىق ئىزدىنىش ئاساسىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، دۇكان ئېچىپ مال سېتىش، مال سېتۋېلىش بىخەتەر ھەم قۇلايلىق، ئىقتىدارى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، رەسىم-يېزىق-سىن بىرلەشكەن ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى قوشۇلغان، مۇستەقىل ئالاقە قۇرالى،ئىزدەش ئىقتىدارى، سودا خاتىرىلەش ۋە شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان، ھازىرقى ئەڭ بىخەتەر پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئالپاي
ئارقىلىق پۇل تۆلەش، ئۈچىنجى تەرەپ بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئىقتىدارى قۇشۇلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ياسالغان چوڭ تىپتىكى سودا تور بىكىتى .
2.تور تاۋار سودا تورىدا قايسى خىلدىكى ماللار سېتىلدۇ؟
تور تاۋار سودا تورىدا سېتلىۋاتقان ماللار ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، يانفۇن،كومپىيۇتىر،يانفۇن ۋە كومپىيۇتىر زاپچاسلىرى،كېيىم-كىچەك،ساغلاملىق بويۇملىرى،تۇرمۇش بويۇملىرى،ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى يىمەك-ئېچمەك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بار .
3. تورتاۋار سودا تورىدىن مال سېتىۋالساق بىزگە قانداق پايدىسى بار؟
تور تاۋار سودا تورىدىن مال سېتۋالغاندا :ماللارنىڭ باھاسى بازار باھاسىدىن ئەرزان سۈپىتى ياخشى ئاز پۇل خەجلەپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مالنى سېتۋالالايسىز،تور بىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ مال سېتىۋىلىش قېتىم سانىڭىز كۆپەيگەنچە سىزنىڭ قىلغان مەشغۇلاتىڭىزغا قاراپ جۇغلانما نۇمۇر قوشۇلۇپ ماڭىدۇ 1000جۇغلانما بولغاندا 10 يۈەن نەخ پۇلغا ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا مال سىتىۋىلىش سانىڭىز كۆپ بولسا ھەر خىل كاتتا مۇكاپاتلاردىن بەھرىمان بولالايسىز .
4. تور تاۋار سودا تورىغا قانداق ئەزا بولىمىز؟
تورتاۋار سودا توربىتىگە كىرگەندىن كېيىن ئەزا بولۇش دېگەن كۆزنەكنى چىكىپ بىرىنچى كۆزنەككە ئەزالىق ئىسم بىكتىسىز ،ئىككىنچى كۆزنەككە مەخپىي نۇمۇر بىكتىسىز ،ئۈچىنچى كۆزنەككە مەخپىي نۇمۇرنى جەزىملەشتۈرسىز ،تۆتىنچى كۆزنەككە تېلفۇن نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ تاپشۇرۇش دىگەن خەتنى باسسىڭىز تور بىتىمىزگە ئەزا بولۇش مۇۋاپىقيەتلىك بولدى دىگەن سېستما ئۇچۇرى چىقىدۇ ،ئۇنىڭدىن كېيىن مال تاپشۇرىۋىلىش ئادىرسىڭىزنى تولۇق توغرا قىلىپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ .
5. تور تاۋار سودا تورىدىن مالنى قانداق سېتۋالىدۇ؟
تور تاۋار سودا تورىدىن مل سىتىۋىلشتا ئالدى بىلەن تور بەتكە ئەزا بولۇپ كىرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مالنى تاللاپ رەسىمىنى چەكسىڭىز مالنىڭ تەپسىلاتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ،شۇنىڭدىن رەڭگىنى ياكى ئۆلچىمىنى،نۇمۇرىنى،سىتۋالىدىغان سانىڭىزنى توغرا تاللاپ مال سېتۋىلىشنى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر كۆزنەك ئىچىلدۇ،بۇ يەرگە مال تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ تولۇق ئىسمى، مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان تولۇق ئادىرسىى،ئالاقىلشش تېلفۇن نۇمۇرىنى توغرا توشقۇزغاندىن كېيىن زاكاس تاپشۇرۇش دېگەن خەتنى باسسىڭىز بولىدۇ.
6. تور تاۋار سودا تورىدا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى قانچە خىل ؟
تور تاۋار سودا تورىدا پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تۆلەش ،بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ،ئۈندىداردا پۇل تۆلەش ،ئەزالىق ساقلانمىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بار .
7.تور تاۋار سودا تورىدىن سېتۋالغان ماللارنىڭ پۇلىنى دۇكاندارغا ئۇرۇپ بەرسەك بولامدۇ؟
تور تاۋار سودا تورى ئۈچىنچى تەرەپ پۇل ساقلاش ئىجازەتنامىسى بار شۇڭا سېتىۋالغان مالنىڭ پۇلنى تور تاۋار سودا تورىنىڭ ھىساباتىغا ئۇرۇلىدۇ دۇكاندار مال ئەۋەتىپ خىرىدار مالنى قولىغا ئېلىپ رازى بولدۇم دېگەندىن كېيىن دۇكاندارغا ھىسابات قىلىپ بىرىمىز .
8.تور تاۋار سودا تورىدىن ئالغان ماللارنى قايتۇرغىلى ياكى باشقىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟
تور تاۋار سودا تورىدىن سېتىلغان ماللارنىڭ 7 كۈنلۈك سۈپەت كاپالەت ۋاقىتى بار سىز مالنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپ ئېلىپ 7 كۈنگىچە مال رەڭگى،چوڭ كىچىكلىكى،سۈپتىدە مەسلە كۆرۈلسە مال ئالماشتۇرسا ياكى مال قايتۇرسڭىز بولىدۇ .
9.تور تاۋار سودا تورىدىن سىتۋالغان مالنىڭ پۇلىنى مال كەلگەندە تاپشۇرساق بولامدۇ؟
مالنىڭ پۇلىنى مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرساق دەپ ئويلىشىڭىزدىكى سەۋەب سىتۋالغان مالنىڭ دۇكاندا كۆرگىنىڭىزگە ئوخشىمايدىغان ياكى سۈپىتى ناچار كىلىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن ئەلۋەتتە بۇنداق ئويلىشىڭىزنىڭمۇ سەۋەبى بار توردا مال ساتىدىغانلانىڭ ئېچىدە ساختا سۈپەتسىز ماللارنى سېتىپ خەلىقنى ئالدايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس،سىز بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ تور تاۋار سودا تورى ئۈچىنچى تەرەپ پۇل ساقلاش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە سىز سېتىۋالغان ماللارنىڭ پۇلى تور تاۋار سودا تورىنىڭ ھىساباتىدا ساقلىندۇ دۇككاندار مالنى ئەۋەتىپ سىز تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مالدىن تامامەن رازى بولدۇم دېگەندىن كېيىن دۇكاندارغا ھىسابات قىلىندۇ .
ئەگەر سىز رازى بولمىسىڭىز مال قايتۇرسىڭىز ياكى باشقىسىغا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ .
10.تور تاۋار سودا تورىدا سېتۋالغان ماللارنىڭ قەيەرگە كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولامدۇ؟
سىز سېتۋالغان ماللىرىڭىزنىڭ قەيەرگە كەلگىننى بىلمەكچى بولسىڭىز تور تاۋار سودا تورىدىكى ئەزالىق نامىڭىز بىلەن كىرىپ زاكاسلىرىم دىگەن يەرنى باسسىڭىز مالنى ئەۋەتكەن توشۇش ۋاستىسىنىڭ تالۇن نۇمۇرى بار شۇ تالۇن نۇمۇرى ئارقىلق ھەرۋاقىت مالنىڭ كىلش ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ تۇرالايسىز .
11.تور تاۋار سودا تورىدىكى ئەزالىق ئىسمىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق قىلمىز ؟
ئەگەردە سىز تور تاۋار سودا تورىدىكى ئەزالىق نامىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز تور تاۋار سودا تورىنىڭ مۇلازىمەت تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلش ياكى ئۈندىدار كىيۇكىيۇ ئارقىلىق ئالاقىلشىپ يولۇققان مەسىسللىرىڭىزنى ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ .ئالاقىلشش تېلفۇن نۇمۇرى :13899153130 09982575055
تور تاۋار سودا تورى ھەر ۋاقىت سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
ئالدىنقىسى:ﺗﺎﯞﺍﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰكىينكىسى:P2P、P2C 、O2O 、B2C、B2B、 C2Cدېگەن نىمە؟

