ئىقتىساسلىقلارنىڭ10چوڭ ئۆلچىمى توغرىىسدا
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:1266
ھەرقايسى دەۋىر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە ئىقتىساس ئىگىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا ئەسلىھەلىرى (ئۈسكۈنىلىرى) بىلەن سەرەمجانلاندۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇشقا بولغان تەلىۋى ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ. بىراق ئىقتىساسلىقلار مەيلى قانداق زامان ۋە قايسى دەۋىردە، مەيلى قايسى ساھە ياكى قايسى كەسىپ ۋە تارماقتا بولمىسۇن ئىقساسلىق خادىم بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇنۇ ئون ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىشى كىرەك:
①شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇدەك مول ئەمىلىي بىلىم بولۇشى؛
②ئىسىل ئادىيمىلىك ئەخلاق پەزىلەت بولۇشى؛
③ كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق؛
④ ئىستىداتلىق بولۇشى
⑤مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى
⑥ئاكىتىپ يۇقىرى ئۆرلەش، پائال ئالغا ئىنتىلىشتەك ياخشى پىسخىك ساپاسى
⑦ ئۈنىملىك ئىجاتچان ئۈگۈنىش ئىقتىدارى، بىلىمدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى
⑧ بىر قەدەر ياخشى بولغان تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى
⑨ ياخشى ئالاقە ئىقتىدارى ئىقتىداىرى(بۇ تەشۋىقات تەربىيە ئىقتىدارىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ھەمكارلىشىش-ماسلىشىش ئىقتىدارى؛⑩چەكسىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سەخسىيەتسىز ئۆزىنى بىغىشلاش،تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇشى كىرەك. مانا بۇ، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، ھەممە ساھە ۋە كەسىپتىكى كىشىلەرگە تامامەن ماس كىلىدىغان ھەممە باپ ئۆلچەم دىن ئىبارەت. بۇ ئون تۈرلىك ئۆلچەم بىر پۈتىن ئپرگانىك گەۋدە بولۇپ، ئايرىپ قاراشقا ھەرگز بولمايدۇ، بۇلار ئۆز-ئارا تولۇقلايدۇ ھەم بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشكۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ بىرەرسى كەم بولسا بولمايدۇ.
مەيلى كىم بولمىسۇن ئڭنىڭدا يۇقارىقى ئون تۈرلىك خسىلەت ۋە ئىقتىدارنىڭ بىرەرسى كەم بولسا ، ئۇ ھالدا چوقۇمكى ئۇ بىر لاياقەتلىك ئىقتىساس ئىگىسى(تالانت) ھىساپلانمايدۇ. بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرىدە ئىقتىساسلىقلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش ئىتقدارى ۋە بىلىمنى قوللىنىشچانلىقى بارغانسىرى ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا. ئىقتىساسلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى، بىر مىللەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.
تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش، قىزىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بارلىقئىھتىياج- ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنىملىك پايدىلىنىپ، ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلماقتا. ئىقتىساسلىقلارنى ئاسىراش، قەدىرلەش ھەتتا ھەرقانچە بەدەل تۆلىسىمۇ، سېتىۋىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىساسلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇغان، ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەشكە ۋە يىڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن دەۋىر ياكى سىنىپلار ھامان زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرشەلىگەن، بۇ پولاتتەك ئەمىلىي پاكىت. ئوقۇش تارىخى ۋە ئۇنۋانى ھەرگىزمۇ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى بىكىتىدىغان بىردىنبىر قاتتىق كۆرسەتكۈچ ياكى بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ. چۈنكى دىپلۇم بىلەن ئۇنۋان ھەرگىزمۇ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارغا تەڭ ئەمەس، قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە ئوقۇش تارىخى ۋە يۇقىرى ئۇنۋانى بولمىغان كاتتا ئالىملار، كەشپىياتچىلار، سىياسىئونلار ۋە تۈرلۈكساھەلەردىكى ئىقتىدارلىق-تالانت ئىگىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان، بۇمۇيەنە بىر پولاتتەك ئەمەلىيەت ۋە پاكىت.
ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ كەڭ بولۇشى كىرەك، بارلىق كەشپىياتچىلار، يىڭىلىق ياراتقۇچىلار، ئۇنى بۇنى ئۈگىنىپ جانلىق ئىشلەتكەنلەر، كىتاپنى ئۆلۈك يادىلىمىغانلار، بىر ئۆمۈر كىتاپلا يادىلىمىغانلار، ئىقتىساسلىقلارنى دەڭسەپ كۈزەتكىنىمىزدە، سالاھىيىتى، دەرىجىسى، ئوقۇش تارىخى، يىشىغا قارىماستىن، ۋەزىپىسى، كەسپى، ئىش ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئەمىلىي تۆھپىسىنى، ئەمىلىي نەتىجىسىنى ھېساپقا ئىلىش كىرەك. ئەلۋەتتە بىز يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى ۋە ھەقىقىي بىلىملىك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى چەتكە قاقمايلا قالماي، ئەكىسچە بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراستىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرشىمىز كىرەك. بىراق ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر.
بەزىلەر «ئالىي تېخىنىكۇمدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە» بولۇش ۋە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش دىگەننىمۇ ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۆلچىمى قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك دەپ قارايدۇ. لىكىن مۇئەللىپ ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. سەۋەبى تولىمۇ ئاددى بولۇپ:بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرەىسىنىڭ مەكتەپتىن چىقىپلا ھەقىقىي تالانىت ئىگىسى بولالىشى ناتايىن. چۈنكى دىپلۇم بىلەن ئوقۇغان مەكتەپ بىراۋنىڭ بىلىمى ۋە قابىليىتىگە، بىلىمدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا، بىلىمدە يېڭىلىق يارتىش ۋە ئۈگۈنىش ئىقتىدارى دىگەنلەرگە ئەسلى ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ئىككىنچىدىن، تۆھپىنى ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋىلىشقا تىخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئىقتىساسلىقلارنىڭ تۆھپە قوشۇش –قوشالماسلىقىدا، پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، گايىدا دەل ئەنە شۇ پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت نىڭ شۇ تلانت ئىگىسىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ئۆز تلانتىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق بولماسلىقى ئەسلىدىكى مۇنەۋۋەر بىر تالانت ئىگىسىنى رودىمىتلاشتۇرۇپ، كېرەكسىز بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۋىتىشى ياكى كۆمۈلۈپ،داتلاپ قىلىشى مۈمكىن. ئوخشاشلا يەنە شۇ ئادەمنىڭ تالانتى ۋە ئىختىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ،ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئىنتايىن ماس كىلىدىغان،ئىلھام ۋە رىقابەتكە،جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە تولۇپ تاشقان ياخشى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت ئەسلىدىكى قورسىقىدا بىلىمى يوق بىراق ئەقلى بار ،ئەمما يارىماس ،قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ دەپ قارالغان بىر ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇپ ،تاۋلاپ ۋە تەربىيەلەپ مۇنەۋۋەر بىر تالانت- ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلاندۇرۋىتىشى تامامەن مۈمكىن. شۇڭا كىشىلەر پۇرسەت ۋە دەۋىر نى-نى تلانت ئىگىلىرىنى تاۋلاپ يىتىشتۈرىدۇ دەيدۇ ئەمەسمۇ؟!. ئالايلۇق داھى مازېدوڭ ئەسلىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە توغۇلغانبىر سەھرالىق يىگىت ئىدى، بىراق جوڭگۇ خەلىقىنىڭ مىللى ئازاتلىقىنى تۈپ مەخسەت قىلغان ئىنقىلاۋىي ئۇرۇش ئەمىلىيىتى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئەقلى بار تىرىشچان مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرگە جىددى ئىھتىياجلىق بولىۋاتقان ئەمىلىيەت ماۋزېدوڭدىن ئىبارەت بىر دېھقان بالىسىنى پۈتۈن جۇڭگۇلۇقنىڭ پەخرىلىك ئوغلانىغا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يۈز مەشھۇر شەخىسنىڭ بىرىگە، داڭلىق سېياسىئون،ھەربى ئالىم ۋە مەتەپپۇرغا ئايلاندۇرغان ئەمەسمۇ؟! شۇڭا ئىيتىمىزكى ،پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت ئادەمنى يىتىلدۈرىدۇ،تاۋلايدۇ. ئوخشاشلا شۇ پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتنىڭ ماس كەلمەسلىكى بىر ئادەم (ئنتايىن ئاز بىر قىسىم ئۆزىنى قەردىرلەيدىغان تىرىشچان قەيسەر كىشىلەردىن باشقا) نى تامانەن نابۇت قىلىۋىتەلەيدۇ.
ۋاھالەنكى، ئۈستى قۇرۇلما ۋە ئىقتىسادى بازىس تۈپەيلىدىن، جۈملىدىن شارائىت، ئىش ئورنى ۋە پۇرسەت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تۆھپە قوشالمىسا ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ئىقتىساسلىق خادىم ئەيىپلىك ئەمەس. بۇنى دەل شۇ تالانىتلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە قوشۇشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەن باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەردىن كۆرۈش، شۇنداقلانى ئەيىپلەش كىرەك. يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، تۆھپە قوشقانلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىساسلىق خادىم بولۇشى، ئىقتىساسلىقلارنىڭ ھەممىسى تۆھپە قوشۇش ناتايىن. چۈنكى بەزى تۆھپىكارلار ئۆمرىدە تاساددىپى پۇرسەت ۋە ئالاھىدە شارائىتلاردىن توساتتىن بىرەر قېتىم تۆھپە قوشۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئەسلىدە ئىقتىساسلىق خادىم بولۇشى ناتايىن. بىراق ئۇلار بۇ تۆھپىسىنى مەڭگۈلۈك دەستەك قىلىۋالماي، داۋاملىق كەمتەرلىك بىلەن ئۈگەنسە بەلكىم ھەقىقىي بىر ئىقتىساسلىق خادىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەكىسچە بولسا تالانىت ئىگىسى بولۇپ يېتىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ بىراق ئىقتىساسلىق خادىملاردا يۇقارىقى 10 ئۆلچەمدىن باشقا يەنە ئوتتەك بىر ئىشتىياق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىغا ئۆزىنى بىغىشلاش ، تىرىشىپ پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ھازىرلىيالمايدىغان ئالاھىدە بىر روھ بولۇپ، بۇ دەل ئۇلارنىڭ يۈرەك قىتى ۋە ئىچكى ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئوتتەك قىزغىن ئىشتاياقى ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش، ئۆزى سۆيگەن كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەل-ۋەتەنگە شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئالاھىدە بىر ئىجتىمائى بۇرۇچ ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتتىن كىلىدۇ. ئۇلاردىكى بۇ خىل روھ ۋە مەسئۇلىيەت تولىمۇ ئالىجاناب بولۇپ، ئۇنداق كىشىلەر ئەسلىدىنلا كۆڭلىگە ھىچقانداق ئىختىسادى ۋە سىياسى مۇددىئانى پۈكمىگەن بولىدۇ. بىراق، كىيىنكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە موھىت بەزى ئادەملەرنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغانلىقى، كىشىگە ئىيتقىلى بولمايدىغان بەزى مۇددىئالار ۋە ئوي-خىياللارنى يۈكلەپ ئۆزگەرتىۋىتەلەيدىغانلىقىمۇ ھەم كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
ئالدىنقىسى:تورتاۋار تور تاللا بازىرى - تەشۋىقات فىلىمىكىينكىسى:ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى

