ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:1360
ئاينۇر ئابلىمىت، ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، لياڭ شيۈجۈەن
ـ كىممۇ مېنى مىليونىر دېسۇن، نامراتمىكىن دېسەم مىليونلاپ پۇل خەجلەۋاتىمەن، بايمىكىن دېسەم تۇرقۇم مانا مۇشۇ، كۈنبويى ئېتىزدىن كېتەلمەيمەن.
ـ پۇلغا ئەجەبمۇ ئامراق چىقىپ قالدىڭ ئاغىنە، پۇلنىمۇ تىنىپ – تىنىپ تاپىدىغان، دېدى ھەمراھى چاقچاق قىلىپ.
بۇ ئىككىيلەننىڭ پارىڭى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى.
ـ سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنى نامرات دەيسىز؟ دېدۇق ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارىلىشىپ.
ـ بىز شورلۇق جاڭگالدىن ئاز كەم 1500 مو يەرنى ھۆددە ئالغانىدۇق، شۇ يەرنى يەر قىلىمىز، دەپ بېلىمىزدىن كەتتۇق، تاپقان تەرگىنىمىزنىڭ ھەممىسىنى شۇ يەرگە سېلىپ، ئۆزىمىز مانا مۇشۇنداق پىيادە قالدۇق، دېدى، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ، قارىداپ كەتكەن 40 ياشلار چامىسىدىكى ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم تاكسى شوپۇرىغا پۇل بېرىۋېتىپ.
ئابدۇغوپۇر يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسىدىن بولۇپ، ئاكىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇكېرىم 2000 – يىلى ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، بورداقچىلىق قىلغان بولسىمۇ ئۇدا نەچچە يىل زىيان تارتقانلىقتىن، 300 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا – چاقىلىرىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ئۈچ يىل ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ، بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەرز قايتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۈرۈمچى، كورلا، تۇرپانغا نەچچە بېرىپ ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇنى تېپىپ ياندۇرۇپ كەپتۇ.
مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان ئوبۇلقاسىم ئابدۇكېرىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شورلۇق چۆلدىن 80 مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ باغ بەرپا قىلىپ، زىرائەت تېرىپ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا باشلاپتۇ. 2008 – يىلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇكېرىم قېرىنداشلىرى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم، ئىمىرھەمزە ئابدۇكېرىم، ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم، ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شۇ شورلۇق چۆلدىن يەنە 200 مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ، 33 يىللىق توختام بىلەن ئېچىشقا تۇتۇنۇپتۇ.
ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم بىزگە كۆز يەتكۈسىز سالا ئېتىزلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەرلەر ئەسلىي شورلۇق بولغاندىن سىرت، ئوڭغۇل – دوڭغۇل ئىدى، بىز ئاۋۋال دۆڭلەرنى تۈزلەپ، ھەر بىر پارچە سالا ئېتىزنى بويلاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يولى ياسىدۇق ھەم زەيلىك چاپتۇق، ئۈچ يېرىم كىلومېتىر ئېرىق چېپىپ، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ، بۇ شورلۇقنى بۈگۈنكى ھالغا كەلتۈردۇق.
يەرنىڭ شور تەركىبى تۈگىمىگەچكە كېۋەزدىن باشقا زىرائەت تېرىغىلى بولمىدى، كېۋەز چوڭقۇرراق يىلتىزلىغاچقا، يەر ئاستىدىكى تاتلىق سۇنى سۈمۈرەلەيدىكەن، دەپ چۈشەندۈردى ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان يىگىتلەر.
بۇ ئېتىزدىكى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ جىيەنلىرىم، دېدى ئابدۇغوپۇر ئۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئىش بېسىق ۋاقىتتا جەمەتىمىزدىكى ماڭالايدىغاننىڭ ھەممىسى ئېتىزغا چىقىپ ياردەملىشىدۇ، ئاياللار ئۈچ ۋاق تامىقىمىزغا مەسئۇل. يىغىم مەزگىلىدە 200چە ئايال پاختا تەرگىلى چىقىدۇ، ئۇ چاغدا بۇ چۆل بازار بولۇپ كېتىدۇ دەڭا، دېدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.
كېيىن ئۇلار يەنە 1000 مو شورلۇق يەرنى ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن. يېزا رەھبەرلىرى دېھقانلاردىن بۇ ئاكا – ئۇكىلار ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغان شورلۇق يەرنى ئېچىشنى خالايدىغانلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى سورىغاندا، بىرمۇ كىشى بۇ يەرنى ئېچىشقا قىزىقماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاكا – ئۇكىلار يېڭىسار ناھىيەسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسى ئارىلىقىدىكى شورلۇق جاڭگالدىن 1200 مو يەرنى ھۆددە ئاپتۇ.
يېڭى ئىش باشلىغاندا قولىمىزدا كۆپ پۇل بولمىغاچقا بۇ شورلۇق يەرنى بىر بۆلەك، بىر بۆلەكتىن ئاچتۇق، دەپ گەپ باشلىدى ئوبۇلقاسىم ئاكا: يېرىمىز كۆپەيگەنچە يېزا دېھقانلارغا سۇ يېتىشمەيدۇ، دەپ بىزنى سۇ بىلەن تولۇق تەمىنلىيەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر مو يەرنىڭ يىللىق سۇ ھەققى 130 يۈەن، 1480 مو يەرنىڭ يىللىق سۇ ھەققى ئۈچۈنلا 200 مىڭ يۈەن كېتەتتى، بىز بۇ چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن، قۇدۇق قېزىش قارارىغا كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇ ئىدارىسىدىن تەستىق ئېلىپ، تېخنىك تەكلىپ قىلىپ، مېتىرىغا 900 يۈەندىن ھەق بېرىپ قۇدۇق قېزىشقا باشلىدۇق، دەسلەپ تەكلىپ قىلغان تېخنىكلار 30 نەچچە مېتىر كولاپ، بۇ يەردىن سۇ چىقىشىغا كۆزى يەتمەي كېتىپ قالدى، يەنە بىر تېخنىك كېلىپ 16 مېتىرچە كولاپ داۋاملاشتۇرۇشقا كۆزى يەتمىدى، شۇنداق قىلىپ ئۈچ قېتىم تېخنىك ئالماشتۇرۇپ، سۇ چىقىرالمىدۇق. قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنچە يەرنى ھۆددە ئېلىۋېلىپ، ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ، نېمىشقا ئۆزىمىز قېزىپ باقمايمىز، دەپ 85 مىڭ يۈەنگە قۇدۇق كولاش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، بىر يېرىم ئاي ۋاز كەچمەي 92 مېتىر كولاپ ئاخىرى سۇ چىقاردۇق.
ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم بىزگە قۇدۇق كولاش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: قۇدۇق كولاش ئۈچۈن سۇ، توك كېتىدىكەن، بۇ چۆلدە ھېچنېمە يوق، كۈندە يۈك ئاپتوموبىلىدا چوڭ سولياۋ باكتا كۆلدىن سۇ توشۇدۇق، توكنى تىراكتورنىڭ موتورىدا چىقاردۇق. ئىككى – ئۈچ ئاينى ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، روھىي جەھەتتىن كۆپ چارچىدۇق، سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن ئىكەن، بىز زارىقىپ كۈتكەن سۇ ئاخىرى چىقتى. سۇغۇ چىقتى، ئەمدى سۇنى قانداق تارتىش كېرەك؟ سۇ تارتىش ئۈچۈن پومپا بولۇشى كېرەك، پومپىنى ئورناتقان بىلەن توك بولمىسا پومپا ھەرىكەتكە كەلمەيدۇ. بۇ يول شۇقەدەر جاپالىق ھەم ئەگرى – توقاي بولدى، ئەمما بىز بۇنى پەقەت مۈدۈرۈپ كېتىش، ھەرگىزمۇ يىقىلىپ چۈشۈش ئەمەس دەپ قاراپ، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمىدۇق.
قۇدۇقنى كولاپ بولغاندا يېنىمىز قۇرۇقدىلىپ قالغانىدى، دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم: تېرىقچىلىقنى ئاقسىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، پومپىنى ۋاقتىنچە تىراكتورنىڭ موتورىدا ھەرىكەتلەندۈردۇق، لېكىن يىلدىن – يىلغا بىر قۇدۇقنىڭ سۈيى يېتىشمەي ئىككىنچى قۇدۇقنى قازدۇق، شۇنىڭ بىلەن تىراكتور موتورىدىن توك چىقىرىپ سۇ چىقىرىشنىڭ چىقىمى ئېشىپ كەتتى، بۇ جەرياندا ئۆيدىكى چوڭ – كىچىك ئاپتوموبىلنى سېتىپ، پۇلىنى تېرىقچىلىققا ئىشلەتتۇق. توك ئەكەلمىسەك چىقىم بارغانچە ئېشىپ كېتىۋاتاتتى، بانكىدىن قەرز ئېلىپ توك سىمى تارتماقچى بولدۇق، بانكا ئۇ يەردىن ھوسۇل چىقمايدۇ، ئالغان قەرزنى قايتۇرالمايسىلەر دەپ، قەرز بېرىشكە قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈك ئاپتوموبىلى ۋە چارۋىلارنى سېتىپ 350 مىڭ يۈەن تەييارلاپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، توك ئەكەلدۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇ ئون يىلدا بۇ يەرگە 9 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بۇ شورلۇققا جان كىرگۈزۈپ، ھەممىنىڭ كۆزى قىزارغۇدەك ئىگىلىك تىكلەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى يىلدىن – يىلغا يۈرۈشىپ، ھازىر ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەك ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، ئىككى كىچىك تىراكتور، بىر چوڭ تىراكتور، پاختا يۆتكەيدىغان ئىككى ئاپتوموبىلى بار بولۇپتۇ. جاپادىن قورقماس بۇ قېرىنداشلار 2012 – يىلى 450 مىڭ يۈەن، بۇلتۇر 700 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىپتۇ.
ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم ئېتىزنىڭ باش تەرىپىدىكى ئېتىز بويلىرىغا تىكىلگەن كۆچەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
بۇ يىل قىلغان كىرىمىمىزدە ئەڭ ئاخىرقى 200 مو يەرنى ئېچىۋالساق، كېلەر يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ دائىرىنى كۆكەرتىپ، ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان باغقا تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەت رايونى قۇرىمىز، – دېدى ئۇ ئاكىسى دەسلەپ ھۆددە ئالغان 80 مو يەردىكى باغنى كۆرسىتىپ. ئۇلارنىڭ يەنە بىر گۈلە قۇرۇتۇش زاۋۇتى بار ئىكەن، ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى يىل بويى توختىماي ئىشلەيدىكەن.
ئېتىزلىقتىن قايتقۇچە مازارلىقتىن ئۆتتۇق، ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم بىر قەبرىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ: – ئاۋۇ قەبرە ئانامنىڭ قەبرىسى، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم بۇ يەردىن ئۆتىمىز، ئانام كىچىكىمىزدە بىزنى سەۋرچان، قەيسەر بولۇشقا ئۈندەيتتى، يولىمىزدا ئانامنىڭ قەبرىسى بولغاچ تالاي قېتىم يىقىلساقمۇ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ ئارزۇيىمىزغا يېتىشكە تىرىشتۇق، ئۇنىڭ سۆزى قۇلقىمىزدا ھەر ۋاقىت جاراڭلاپ تۇردى، دېدى.

