جۇڭگونىڭ تور ئىستېمالى بەش يىلدا 12 ھەسسە كۆپەيدى
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-24 چىكىلىشى:1036
«يېڭى تەمىنات ـــ چۆمۈلە تور ئىستېمالى كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، 2011- يىلى 1- ئايدىن 2016- يىلى 4- ئايغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا، تور ئىستېمالى كۆلىمى كۆرسەتكۈچى مۇقىم ئېشىپ، 12.1 ھەسسە كېڭەيگەن؛ ئوخشاش مەزگىلدىكى كىشى بېشى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، توردا مال سېتىۋالغۇچىلار سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ئاساسىدا، تور ئىستېمال سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى 2011- يىلى 1- ئايدىكى 96 نۇقتىدىن 2016- يىلى 4- ئايدا 122.2 نۇقتىغا كۆپىيىپ، %27 ئۆرلىگەن.
چۆمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ شيەندۇڭ مۇنداق دېدى: ئىستېمالنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى بارغانسېرى زورىيىپ، ھازىر ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. ئىستېمالنىڭ كەلگۈسىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى ئۆستۈرۈشتە چوقۇم تەمىنات ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەش، بولۇپمۇ تەمىنات قۇرۇلمىسىدىكى ئىسلاھاتنى، كەسىپنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرىلىتىش كېرەك.
تور ئىستېمالى كۆرسەتكۈچىدىن ئىستېمال ساھەسىدىكى بىر قىسىم يارقىن نۇقتىلار ئەكس ئەتتى، كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
1. تور ئىستېمالى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىدىكى «تەڭپۇڭ تاش» (پاراخوتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن پاراخوتقا بېسىلغان تاش - ت) قا ئايلاندى. تور ئىستېمالى كۆرسەتكۈچىنى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندىكى قىممەت بىلەن PMI (سېتىۋېلىشنى باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى) نى كەلگۈسى تۆت ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندىكى قىممەت نورمال كوررېلاتسىيەلىك مۇناسىۋەت بولۇپ چىقتى، بۇنىڭدىن تور ئىستېمالى كۆرسەتكۈچىنىڭ PMI (سېتىۋېلىشنى باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى) دىن بەلگىلىك باشلامچى دەرىجىگە ئىگە ئىكەنلىكى يۇشۇرۇنغان. ئەگەر بۇنداق ئالاقىدار دەرىجە ۋاقىتنىڭ سىنىقى ئارقىلىق بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇپ چىقسا، ئۇ ھالدا تور ئىستېمالى كۆرسەتكۈچى ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۆلچەرلەش ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
2. تور ئىستېمالى ھازىر ئەمەلىي گەۋدە تىپىدىن مۇلازىمەت تىپىغا، مەۋجۇتلۇق تىپىدىن تەرەققىي قىلىش تىپىغا ۋە ھوزۇرلىنىش تىپىغا قاراپ تاكامۇللاشماقتا.
3. ئىقتىسادى قانچە تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەرنىڭ ئىستېمالدىن ھوزۇرلىنىش سەۋىيەسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ تورئىستېمالى قاتلىمىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە جياڭسۇدىكى ھوزۇرلىنىش تىپىدىكى تور ئىستېمالى سەۋىيەسى مەۋجۇتلۇق تىپىدىكى تور ئىستېمالى سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. ھوزۇرلىنىش تىپىدىكى تور ئىستېمالى سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ ۋە گۇاڭدۇڭ، ئەڭ ئاخىرقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغىنى بولسا گۈيجۇ، خېنەن، شەنشى، نىڭشيا ۋە گەنسۇ. بۇ ئەھۋال ئىقتىسادى بەكرەك تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى ئاھالىلەر ھوزۇرلىنىش تىپىدىكى تور ئىستېمالىنى شۇنچە قوغلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4. تور ئىستېمالى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى. بىرىنچىدىن، 3-، 4- قاتلاملىق شەھەرلەردىكى توردا ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ساقلانما مىقداردىن قارىغاندا، 3-، 4- قاتلاملىق شەھەرلەردىكى ئەسلىدە بار بولغان ئابۇنتلاردىن سودا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 2011- يىلىدىكى %49 تىن 2015- يىلى %56 كە كۆپەيگەن؛ كۆپەيمە مىقداردىن قارىغاندا، 3-، 4- قاتلاملىق شەھەرلەردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئابۇنتلاردىن سودا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 2011- يىلىدىكى %55 تىن 2015- يىلى %63 كە كۆپەيگەن؛ ئىككىنچىدىن چەت ئۆلكىلەرنىڭ تور ئىستېمالى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان.
5. تور ئىستېمالى ئارقىلىق قىزىق نۇقتىلىق كەسىپلەر چىڭ تۇتۇلدى. مەسىلەن، مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمال كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئەمەلىي گەۋدە تىپىدىكى ئېشىشتىن يۇقىرى بولدى، يېمەك- ئىچمەك، ئاۋىئاتسىيە، مائارىپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىستېمال شىددەت بىلەن قەد كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونكرېت كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى ئۆزگىرىش ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. كارخانىلار تورئىستېمالى ئارقىلىق تۇتۇۋالغان كەسىپلەردىكى قىزىق نۇقتىغا ئاساسەن، قىزىق نۇقتىلارغا مەبلەغ سالالايدۇ. ئاھالىلەر تۇرمۇش سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئاۋىئاتسىيە، مائارىپ، تۇرمۇش، يېمىك- ئىچمەك قاتارلىقلار يېڭى ئىستېمالنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كارخانىلار ئىستېمال كەسپىدىكى قىزىق نۇقتىلار ۋە مودا نۇقتىلارغا ئاساسەن، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان، ئابۇنتلارنىڭ تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان، يادرولۇق قىممەت يەتكۈزىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى يارىتىپ، ئىستېمالچىلار ۋە تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ تەڭ مەنپەئەتلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
6. لىنىيە ئۈستىدىكى تور لىنىيە ئاستىدىكى تورنى بېقىش، لىنىيە ئۈستىدىكى تور لىنىيە ئاستىدىكى توردىكى پارچە سېتىش ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى يېتەكلەش، ئىنتېر تورى + پائال رول ئويناش. لىنىيە ئاستىدىكى كەسىپلەر 2011- يىلى 8- ئايدىن ئىلگىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىش مەزگىلىدە تۇرغان، كۆرسەتكۈچتىكى داۋالغۇش بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، لىنىيە ئۈستىدىكى ۋە لىنىيە ئاستىدىكى كۆرسەتكۈچنى 2011- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. 2011- يىلى 8- ئايدىن 2016- يىلى 4- ئايغىچە، لىنىيە ئۈستىدىكى توردىكى ئىستېمال كۆلىمىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %3.3 بولغان، لىنىيە ئاستىدىكى توردىكى ئىستېمال كۆلىمىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى بولسا %6.1 (پەسىللىك تەڭشەلگەندىن كېيىن) بولغان، بۇنىڭدىن ئىستېمال شەكلىنىڭ ئەسلىدىكى لىنىيە ئاستىدىن ھازىر لىنىيە ئۈستى ۋە ئاستى يۇغۇرۇلۇشقا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
7. كۆچمە ھەق تۆلەشتە پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىش كۆرۈلدى: 2011- يىلى 1- ئايدىن 2016- يىلى 1- پەسىلگە قەدەر، كۆچمە ھەق تۆلەش تور ئىستېمالى كۆلىمىنىڭ پەسىللىك ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %42.9 بولغان، خۇسۇسىي كومپيۇتېر تېرمىنالىدىكى پەسىللىك ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى بولسا ئاران %5.8 بولغان. كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ كۆلىمى 2015- يىلى 1- پەسىلدە خۇسۇسىي كومپيۇتېر تېرمىنالى ئارقىلىق ھەق تۆلەش كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتتى. تور ئىستېمال سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %11.2 بولغان، ئەمما خۇسۇسىي كومپيۇتېر تېرمىنالىدىكى ھەق تۆلەشنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى بولسا %0.3- بولغان، كۆچمە ھەق تۆلەشتىكى تور ئىستېمال سەۋييەسىمۇ خۇسۇسىي كومپيۇتېر تېرمىنالىغا يېتىشىۋالغان. بۇ يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى ۋە دەرىجە ئېشىشى، سىمسىز تورنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ھەمدە ياش ئىستېمالچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆچمە ھەق تۆلەش داۋاملىق تۈردە تور ئىستېمالىدىكى ئاساسلىق ھەق تۆلەش يولىغا ئايلىنىدۇ.
8. ئەرلەر ھوزۇرلىنىش تىپىنىڭ قاتىلى: ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىستېمال كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسىدا بىر قەدەر چوڭ پەرق بار. تور ئىستېمالى كۆلىمىدىن قارىغاندا، ئەرلەر ئاياللارنىڭ بىر قەدەر ئارقىدا قالدى. 2016- يىلى 1- پەسىلدە، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ تور ئىستېمال كۆلىمى كۆرسەتكۈچى ئايرىم ھالدا 524 ۋە 527 بولدى. تور ئىستېمال سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، ئەرلەر ئاياللارنىڭ بىر قەدەر ئالدىدا. 2016- يىلى 1- پەسىلدە، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ تورئىستېمال سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى ئايرىم ھالدا 145 ۋە 142 بولدى. بۇ ئەھۋال ئەرلەرنىڭ ھوزۇرلىنىش تىپىدىكى ئىستېمال نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
9. تور ئىستېمالىدىن كەسىپلەردىكى «ئابۇنتلارنىڭ پورتېرتى» ئەكس ئەتتى. مەسىلەن ئاپتوموبىل كەسپىنى مىسال ئالساق، ئەرلەر ئاپتوموبىل تۈرىدىكى ئىستېمالنىڭ ئاساسلىق كۈچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل تۈرىدىكى ئىستېمال كۆلىمى كۆرسەتكۈچى ئاياللارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياش قورامىنىڭ تارقىلىشىدىن قارىغاندا، 26 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلار ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئاساسلىق ئىستېمال توپى بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا 31 ياشتىن 35 ياشقىچە ۋە 21 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان توپ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان.
10. ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە تور ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تور ئىستېمالىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. 1- قاتلام بىلەن 4- قاتلاملىق شەھەرلەر ئارا كىشى بېشى ئىستېمال پەرقى بىر قەدەر چوڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 4- قاتلاملىق شەھەرلەردىكى . ساقلانما مىقدارلىق ئابۇنتلارنىڭ تور ئىستېمال سەۋىيەسى بىر قانچە يىل ئۇدا ئاشقاندىن كېيىن، 2015- يىلى تۆۋەنلىدى. تورغا چىقىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى بىلەن تور ئىستېمال سەۋىيەسى نورمال كوررېلاتسىيەلىك مۇناسىۋەتتە، بۇ ئەھۋال تور ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، مەسىلەن تور چىقىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ۋە كۆچمە تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئارقىلىق تور ئىستېمالىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەندەك.
بۇ دوكلاتنى خۇاشيا يېڭى تەمىنات ئىقتىساد ئىلمى تەتقىقات يۇرتى ۋە چۆمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئورنى تۈزگەن بولۇپ، 21 كەسىپ، 337 شەھەر، 450 مىليون ئابۇنتنىڭ تور سودا سانلىق مەلۇماتى مۇجەسسەملەنگەن.
ئالدىنقىسى:ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرىكىينكىسى:جۇڭگودا بانكا كەسپى كىرىزىسى كۆرۈلەمدۇ؟






